ئابدۇلجېلىل تۇراننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ھېيتاخۇن مەمتىمىن
ئابدۇجېلىل تۇران 1958-يىلى خۇتەن ناھىيىسىگە قاراشلىق ئاتچۇي يېزىسىدا دىنى ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ دەسلەپكى دىنى تەلىم-تەربىيىسىنى داسىسى مەرھۇم مۇھەممەت ئابدۇللاھ مەخسۇم ھاجىمدىن ئالغان، 1976-يللىرىدىكى خىتاينىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت زۇلۇم تازا ئەۋجگە چىققان يىللاردا ئۇ ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن مەزگىل بولۇپ يىراقنى كۆرەر ئۆلىما مەمەت ئابدۇللا مەخسۇم ھاجىم ئۇنىڭ چەتئەلدە ئۇقۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى،1983-يىلى دادىسى بىلەن بىللە ھەج باھانىسى بىلەن چەتئەلگە چىقىدۇ،دادىسى ھەجدىن ۋەتەنگە قايتاشىدا ئۇنى پاكىستاندا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ،ئۇ 1984-يىلى 12-ئايدا مىسىرغا بېرىپ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ،ئۈچ يىل ئەزھەردە ئوقۇغاندىن كېيىن، 1987-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئىستانبولغا يەرلىشىدۇ.
ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندە ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى بىردىن-بىر تەشكىلاتى بولغان شەرقى تۈركىستان ۋەقپىنىڭ رەئىسى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە گېنىرال مەھمەت رىزابېكىنلەر تېخى ھايات ئىدى. ئابدۇلجېلل تۇران يەنە بئكز دېمەتلىك ياشلار بىلەن بىللە ۋەقىپ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ نەشرىيات ئىشلىرىغا ئىشتىياق باغلايدۇ،1992-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن تۇنجى قېتىم ئېچىلغان شەرقى تۈركىستان قۇرۇلتىيىدىن كېيىن داۋا يەنە بىر بالداق يوقۇرى كۆتۈرۈلۈپ ئىستىداتلىق ياشلار تۈركىيەدە جەم بولۇشقا باشلايدۇ،ئەنە شۇ چاغدا نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان شەرقى تۈركىستان ياشلىرى گېزىتى بىلەن نەشرىياتچىلققا قەدەم باسقان ئابدۇلجېلىل تۇران شەرقى تۈركىستاندا بېسىلىش ئىمكانىيتى بولمىغان بىرقىسىم مۇھىم كىتاپلارنى ئۆز نامى بىلەن باستۇرىدۇ.
2000-يىلغا كەلگەندە سېستىمىلىشىشقا يۈزلىنىپ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى نامى بىلەن رەسمى نەشرىيات قۇرۇپ چىقىدۇ،ھەتتا ئۆز يانچۇقىدىن پۇل تاشلاپ ياۋرۇئاسىيا ۋەقپىنى قۇرىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نەشرىياتچىلىق خىزمەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ،ۋەتەندە يېڭى نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنى ئۈزلۈكسىز ھالدا بىر ئاماللار بىلەن ئەكەلدۈرۈپ سىكانلاپ www.uyghurweb.com بېتىدە ئېلكىتاپ قىلىپ تارقىتىدۇ،ئۇ تورغا چىقارغان تالاي كىتاپلارنى ۋەتەن ئىچىدىمۇ كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر چۈشۈرۈپ پايدىلىنىدۇ.
ئىگەللىنىشىچە ئەبدۇلجېلىل تۇراننىڭ ھازىرغا قەدەر نەشىر قىلغان كىتاپلىرى 300 پارچىدىن ئاشىدىكەن،ئۇنىڭ شەخسى كۇتۇپخانىسىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئىلمى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئاكادېمىكلارنىڭمۇ سانى 50 تىن ئاشىدىكەن،ئەرەپلەرمۇ ئابدۇلجېلىل تۇران ئاكىدىن شەرقى تۈركىستان ھەققىدكى ئەرەپچە كىتاپلارنى ئارىيەت ئېلىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم.
مەن ئۇنىڭ دادىسى مەرھۇم ئۇستازىم مەمەت ئابدۇللاھ مەخسۇمدا بەدان،مەئزى،كاپىيە،مۇختەسەر ۋاقايە ۋە شەرھى ۋاقايە قاتارلىق كىتاپلارنى ئوقۇۋاغان چاغلىرىمدا ئۆز يانچۇقىدىن پۇل چىقرىپ ئەينى دەۋىردىكى ئىلغار پىكىر تەشەببۇسچىسى دەپ قارالغان ئەقىدەدۇل مۆمىن،پىرقەتۇنناجىيە قاتارلىق ئەرەپچە كىتاپلارنى باستۇرۇپ شەرقى تۈركىستاننىڭ تەرەپ تەرەپلىرىدىكى ئەرەپچە بىلىدىغان ئۆلىمالارغا ھەقسىز تارقاتقانلىقىغا يېقىندىن شاھىت بولغان ئىدىم.ئۇستازنىڭ مىڭبىر گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن قويۇپ كەتكەن ئوغلى ئابدۇلجېلىل تۇران ئاكىنىڭ دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىر قىلغان كىتاپلارنى ئىزقوغلاپ ئوقۇپ كەلگەن بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئابدۇلجېلىل تۇران ئاكىمىزغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.بولۇپمۇ ۋەتەن ئىچىدە كىتاپلىرىمىز رەھىمسىزلەرچە يوق قىلىۋېتىلىۋاتقان مۇشۇ دەۋىردە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى يادرولۇق بىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ،مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئابدۇلجېلىل تۇران ئاكا نەشىر قىلغان كىتاپلارنى سېتىۋېلىش ئارقىىق قوللىشىغا تىلەكداشمەن.