نورۇز،ئات بەيگىسى ۋە سارە خەتىم
ھېيتاخۇن مەمتىمىن
ھەرمىللەت ۋە قەۋمنىڭ دىنى،كۈلتۈر ۋە سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان بايراملىرى بولغىنىدەك بىزنىڭمۇ قۇربان ھېيت ۋە رۇزى ھېيت بايرىمىمىزدىن ئىبارەت دىنى بايراملىرىمىزدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك مۇھىم كۈنلىرىمىز ۋە بايراملىرىمىز بار.دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى سوتسىيالىستلار 1-مايدا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى نامايەندە قىلىدۇ،بۇمۇ دىن ۋە مىللەت ھالقىغان ھالدا يەرشارىدىكى بارلىق كوممۇنىست ياكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئارزۇلايدىغان خەلقلەردە داغدۇغىلىق بىلەن قۇتلۇقلىنىدۇ.خىتاي ھاكىمىيتىمۇ چاغان ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يىرگىنىشلىك كۈلتۈرىنى بىزگە تېڭىشتىن باشقا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىليۇن دوللارلىق پۇل سەرپ قىلىپ خىتاي يېڭى يىلى بايرىمى مۇراسىملىرى،تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى مۇددىئا ھەممىمىزگە ئايان. شەرقى تۈركىستاندىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى ۋە كىملىكىنى نامايەندە قىلىدىغان ۋە بىرلىك -باراۋەرلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان نورۇز بايرىمى جاللات ماۋزېدۇڭ تەرىپىدىن 1950-يىلى چەكلىۋېتىلگەن بولۇپ تاكى ئۇ ئۆلۈپ بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن 1982-يىلىغا كېلىنگەندە ئاران رۇخسەت قىلىنغان ئىكەن.
مەن ئەسلەپ باقسام،بىزنىڭ(چىرا ناھىيە نۇرى) يېزىدا 1988-يىلى 21-مارت نورۇز بايرىمى كۈنى ناھايىتى داغدۇغىلىق بىر ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك تېلىۋىزىيە قانىلى سۈرەتكە ئالغان ئىدى.
قاراقۇرۇم تاغ-تىزمىلىرىنىڭ ئېتىكىدىكى بۇ ياپ-يېشىل سالقىن يېزا خەلقى ئات بەيگىسى ئارقىلىق مۇراسىملار ئۆتكۈزۈپ كېلەتتىكەن،قىش ئايلىرىدىكى توي-تۆكۈنلەردىمۇ ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى بولىدىغانلىقى ھېلىھەم ئېسىمدە.
يەنە بىر يىلنىسى 21-مارت كۈنى سارە خەتىم پائالىيتى بولغان بولۇپ يېزىمىزدىكى ئىمامى ھەمەدانىم قەۋرىستانلىقىغا يېقىن چوڭ مەسچىتنىڭ ئەتراپىغا يۈزلەرچە قازان ئېسىلىپ،پولۇ ۋە قورداقلار پىشۇرۇلۇپ نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ھەم داستىخان بولغاندىن كېيىن مېنىڭ ھايات ئىستىلىمنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى زور تەسىرى بولغان ئۇستازىم ۋە يېزىلىق جامەنىڭ ئىمامى سىراجىدىن ھاجىمنىڭ دۇئا-تىلاۋىتى،ۋەز-نەسىھىتى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى ئېسىمدە. دېمەك خەلقىمىز پۇرسەت تاپسىلا ھەرخىل ناملار بايرىقى ئاستىدا ئۇيۇشۇپ كىملىكىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشقان.
سارە تەۋھىد پىشىۋاسى ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەقۋادار ئايالى بۈۋى سارە خېنىمنىڭ ئىسمى بولۇپ ياشىغان دەۋرنىڭ مۇستەبىت تاغۇتلىرىدىن قورقماي يەككە-يىگانە ئاللاھتىن قورقىدىغان بىر پىرسۇناژنىڭ نامىنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا،تەقۋادارلىققا ۋە جاسارەتلىك بولۇشقا ئۈندەش ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولسا كېرەك دەپ چۈشەندىم.
بۈگۈن بىز قۇتلۇقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان نورۇز بايرىمىمۇ بىزنى پەزىلەتلىك ئىشلاردا بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا،كىملىكىمزنى ئەسلەپ ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشقا ۋەسىيلە بولغۇسى!
ۋەتەن ئىچىدە خىتايلىشىپ كەتمەسلىككە تۈرتكە بولسا،مۇھاجىرەتتە باشقا قەۋم باشقا دىندىكىلەرگە چاڭلىشىپ كەتمەسلىكىمىزگە ۋەسىيلە بولغۇسى!
شۇڭا نورۇز دېسە مېنى قىزىقتۇرىدىغىنى ناخشا-ئۇسۇل ئەمەس،ئۇيغۇرنىڭ ئۇيۇشۇشى ۋە بۇنى ئاللاھ رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە شەرقى تۈركىستان مىللى ئىنقىلاۋى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتۇر.
بۇ مەنادا نورۇز بايرىمىمىز قۇتلۇق بولسۇن! نورۇزنىڭ داقى-دۇمبىقىدا توختاپ قالماي،ئۇنىڭدا گەۋدىلەندۈرۈلمەكچى بولغان مەنانى ئىدراك قىلىشقا،ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇيەسسەر قىلسۇن! ئامىين