قۇرئان پەنجىرىسىدىن مۇسۇلمان دېگەن نېمە؟
ئۇلار: ئىپپىەتلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر(سۈرە مۇئمىنۇن5.ئايەت)
ئۇلار:زېمىندا كەمتەرلىك بىلەن ماڭىدۇ(سۈرە فۇرقان 5. ئايەت)
ئۇلار:زاكات بېرىدۇ (سۈرە مۇئمىنۇن 4.ئايەت)
ئۇلار:بىھۇدە ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر(سۈرە مۇئمىنۇن3.ئايەت)
ئۇلار:ئاتا – ئانىغا ۋۇييەيمۇ دېمەيدۇ(سۈرە ئىسرا23.ئايەت)
ئۇلار:قالاق ئادەملەر بىلەن تالاش-تارتىش قىلمايدۇ(سۈرە فۇرقان 53.ئايەت)
ئۇلار: قۇلى ئۇزۇن ۋاختىدىمۇ، قۇلى قىسقا ۋاختىدىمۇ خەير-ساخاۋەت قىلىدۇ(سۈرە فۇرقان 53.ئايەت)
ئۇلار:(ھەققانىيەت توغرىسىدا)مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ(سۈرە مائىدە 54.ئايەت)
ئۇلار:نامازلىرىنى خۇشۇ-خۇزۇ(ئاللاھتىن چوڭقۇر ئەيمىنىش )ئىچىدە ئادا قىلىدۇ(سۈرە مۇئمىنىۇن 2،ئايەت)
ئۇلار:لەۋزى قىلغان گەپلىرىدە تۇرىدۇ(سۈرە بەقەرە 177،ئايەت)
ئۇلار:ئاللاھنىڭ گېپى چىققاندا يۈرەكلىرى لەرزىگە كېلىدۇ(سۈرە تەۋبە 2.ئايەت)
ئۇلار:ئاچچىقىنى يۇتۇپ،كىشىلەرنى كەچۈرۈۋېتىدۇ(سۈرە ئالىئىمران 134.ئايەت)
ئىككى يەرگە ئىككى نەرسە ئاسان كىرەر:
قۇرئان كىرمىگەن ئۆيگە خۇراپاتلىق،كۇن نۇرى چۈشمىگەن ئۆيگە دوختۇر . (ماقال-تەمسىل)
ياۋرۇپا ئۇيغۇر نەشرىياتى تەييارلىدى